Toylar Mubarek
  歌手:那吾克热-NW
  所属专辑:MUSAPE
  发行时间:2014.12.01
  发行公司:
«تويلار مۇبارەك»
ھەي ھەي مۇبارەك
تويلار مۇبارەك
مەڭگۈ بىر سوقسۇن، يار يار
ئىككى قوش يۈرەك
ھەي ھەي مۇبارەك
تويلار مۇبارەك
مەڭگۈ بىر سوقسۇن، يار يار
ئىككى قوش يۈرەك
﹎﹎﹎
بۈگۈن بولدى تويۇڭلار
بەلكى ئاشتى ئويۇڭلار
بەخىتلىك بولۇڭلار
خۇشال ئۆتسۇن كۈنۈڭلار
ئۈستەلگە چىقتى تاماق
تويدا بولدى خۇشچاقچاق
ئۆيلەر بولسۇن سىزگە باغ
يىگىت بولسۇن سىزگە تاغ
كاستىيۇمىمنى كەيمىدىم
ئەتتىرىمنى چاچمىدىم
شۇڭا بۇ ناخشامنى يېزىپ
سىلەرگە مەن ئاتىدىم
تويۇڭلارغا مۇبارەك
كەتتى ئوتلۇق تىلەك
سوقسۇن ئوتلۇق يۈرەك
بولسۇن قۇتلۇق تىلەك
كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن
سىلەرنىڭ بەختىڭلارنى بەرسۇن
خۇشال-خورام كۈنلەر
سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن
بېشىڭلار باش، ھە
پۇتۇڭلار تاش، ھە
خۇشال-خورام ئوينايلى ھە
تۆكۈلمىسۇن ياش
﹎﹎﹎
ھەي ھەي مۇبارەك
تويلار مۇبارەك
مەڭگۈ بىر سوقسۇن، يار يار
ئىككى قوش يۈرەك
ھەي ھەي مۇبارەك
تويلار مۇبارەك
مەڭگۈ بىر سوقسۇن، يار يار
ئىككى قوش يۈرەك
﹎﹎﹎
كىلىڭلار دوستلار، بۈگۈن مانا توي
ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئوينايلى، ھەي Boy
Boy boy boy
نىگارا ئوي
بۇ شادلىق كۈيى بىلەن تېخىمۇ جانلانسۇن توي
گۈل-گۈلىستان ئىچىدە
بىر لەيلىگە بىر مەجنۇن
سۆيگۈ رىشتى ئۈزۈلمەس
يۈرەك ئوتىدا بوپ يالقۇن
چىن مۇھەببەت يولىدا
بەخىت ھەركىمنىڭ قولىدا
چىن يۈرەكتىن ئۇلارغا
تىلەيلى بەخىت جان-دوستلار
كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن
سىلەرنىڭ بەختىڭلارنى بەرسۇن
خۇشال-خورام كۈنلەر
سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن
بېشىڭلار باش، ھە
پۇتۇڭلار تاش، ھە
خۇشال-خورام ئوينايلى ھە
تۆكۈلمىسۇن ياش
﹎﹎﹎
ھەي ھەي مۇبارەك
تويلار مۇبارەك
مەڭگۈ بىر سوقسۇن، يار يار
ئىككى قوش يۈرەك
ھەي ھەي مۇبارەك
تويلار مۇبارەك
مەڭگۈ بىر سوقسۇن، يار يار
ئىككى قوش يۈرەك
مەڭگۈ بىر سوقسۇن، يار يار
ئىككى قوش يۈرەك
ئىككى قوش يۈرەك
ئىككى قوش يۈرەك
    最新发布歌手专辑歌曲

未经本站许可严禁转载本站内容 流行歌曲歌词免费下载
Copyright©2006-2023 本站所有资讯均来自网上