KIM
  歌手:AbduwaliTohti
  所属专辑:KIM
  发行时间:2017.06.12
  发行公司:
作词 : 麦麦提依明萨迪克
作曲 : 阿布杜塞米艾尔肯
سۆزى :مەمتىمىن سادىق
مۇزىكىسى :ئابدۇسەمى ئەركىن
ئاكورتلاشتۇرغۇچى :ئابدۇۋەلى توختى
مەنغۇ جېنىم دەپتىمەن مېنى جېنىم دېدى كىم؟
مەن غېمىنى يىگەندەك غەملىرىمنى يىدى كىم؟
كۈلگىنىمدىن دىلمدا يىغلىنىم كۆپ ئىكەن
ئېيتمىساممۇ ھالىمنى كۆزلۈرۈمدىن بىلدى كىم؟
ئېيتمىساممۇ ھالىمنى كۆزلۈرۈمدىن بىلدى كىم؟

سىرداش تاپماق ئاسانمۇ ئازار يىگەن يۈرەككە
ھەسرىتىمگە تەڭ يىغلاپ شادلىقىمغا كۈلدى كىم؟
ياخشى دىدىم چاندۇرماي قالسام يامان كۈنلەردە
لەختە بولغان يۈرەكنى ئاشۇ پېتى كۆردى كىم؟
ياخشى دىدىم چاندۇرماي قالسام يامان كۈنلەردە
لەختە بولغان يۈرەكنى ئاشۇ پېتى كۆردى كىم؟

ئاخشاملىرى ياتمىدىم بىر كىملەرنىڭ دەردىدە
مەن ياتمىغان كېچىدە مەن دەپ خىيال سۈردى كىم؟
كۆچەت تىكسەم غاجاشقا ئېغىز تولا ۋە لېكىن
كەتمىنىڭنى ئەكەل دەپ ئىشلەشكە يەڭ تۈردى كىم؟
كەتمىنىڭنى ئەكەل دەپ ئىشلەشكە يەڭ تۈردى كىم؟
سۇبات تېكىسىت ئىشلەش گۇرپىسى ئىشلىدى، ئەڭ يېڭى كۈيلەر سۇبات مۇزىكا تىرمىنىالىدا

未经本站许可严禁转载本站内容 流行歌曲歌词免费下载
Copyright©2006-2023 本站所有资讯均来自网上